15 ئەمەلدارلار پادىشاھقا: _ باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، قارارلىرىغا ئەگىشىمىز، _ دېيىشتى.
بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
داۋۇت يېرۇسالېمدىكى ئەمەلدارلىرىغا: _ تېز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز! تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ كېلىپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ ۋە پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئون توقىلىنى قالدۇرۇپ قويدى.
_ كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.
زىبا پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پېقىرلىرى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى.