9 تىقوۋالىق ئايال يەنە: _ خەلق بۇ ئىشتا ئەيىبلىمەكچى بولسا، مېنى ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىسۇن، سىلى ۋە سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى ئەيىبلىمىسۇن، _ دېدى.
ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز.
ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قېنىنىڭ قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.
پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.
شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ.
ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.
كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي!
_ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن ساڭا پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت.
_ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.