Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاجىزەلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:6
7 Referans Kwoze  

ئەتىسى مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىبرانىينىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە: _ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.


كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا: _ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


_ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال: _ مەن بىر تۇل ئايالمەن، ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن.


ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.


ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.


ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite