Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىدىن بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:25
11 Referans Kwoze  

بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.


شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئايۇپقا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئازابلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى.


پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.


ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.


ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.


لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.


كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى.


بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.


ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئادونىيا ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى.


سۈرەتتىكى يىگىتلەر بەللىرىگە بەلباغ باغلىغان، باشلىرىغا سەللە يۆگىگەن بولۇپ، ئۇلار بابىلنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئوخشايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite