Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:2
17 Referans Kwoze  

ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا،


ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.


سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى بىلمىسۇن. ئۇ ئالدى بىلەن يەپ-ئىچىپ تويسۇن.


جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.


تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.


ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.


سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار.


پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن.


كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.


كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى.


ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى.


شۇ پەيتتە شەھەردىكى بىر دانا ئايال: _ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، ئۇ بۇ يەرگە كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى.


پالتىلىق خەلەز، تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا،


پادىشاھ ياروبئام ئايالىغا: _ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى.


پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ ئايالى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ساڭا دېگەنلىرىمنى دېگىن.


تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite