سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 _ سېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر. Gade chapit la |
ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى.
ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى.
داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.