Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:16
6 Referans Kwoze  

پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.


باشقىلار مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماس،


بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.


ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىلھامى بار پادىشاھنىڭ قارارىدا، ئادالەتسىزلىك چىقماس ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈم چىقارغىنىدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite