Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 _ ئاجىزەلىرىنىڭ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال. _ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:12
10 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، - دېدى. پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:


ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز.


يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!


ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. ئەگەر پەقەت 10 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ پەقەت 10 ھەققانىي ئادەم بولسا، بۇ شەھەرنى يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.


ئىبراھىم يەنە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم! سۆزۈمنى باشلىغانىكەنمەن، داۋاملاشتۇراي. ئېغىر كۆرمىسەڭ، مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سەندىن يەنە سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلغايسەن!


_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.


ئايال مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟


يوئاب يېقىنراق كەلدى. _ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال. _ ھەئە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب. _ ئاجىزەلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال. _ ھەئە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite