Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 _ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 14:11
18 Referans Kwoze  

لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.


سىلەرگە كەلسەك، ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار.


ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.


ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! - دېدى.


سۇلايمان: _ ئەگەر ئۇ ماڭا سادىق بولسا، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. لېكىن ئۇ بىرەر يامان غەرەزدە بولىدىكەن، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى.


ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.


مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.


يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.


قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن.


لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.


ئىبرام ئۇنىڭغا: _ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


_ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.


_ ئاجىزەلىرىنىڭ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال. _ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ.


پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ئوغلۇم ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite