8 شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاماق ئەتتى.
باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تورپاقنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى.
ئاتىسى داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ، تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرىڭ» دېدى.
ئۇ ئەتكەن تامىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون تاماقنى يېگىلى ئۇنىماي، خىزمەتكارلىرىغا: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.
«ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئۆگەي ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.