Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37-38 ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. پادىشاھ داۋۇت ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:37
8 Referans Kwoze  

ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،


ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان،


ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.


ئۇ چاغدا ئابسالوم ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى. سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆزەتچى تاغ تەرەپتىكى يولدا بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ، پادىشاھقا خەۋەر قىلدى.


ئۇنىڭ سۆزى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.


ئايال مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟


مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite