36 ئۇنىڭ سۆزى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.
پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.
ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆچلۈكى ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئامنون تامارغا: _ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.
شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە غىزا يېدىلە، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سوراشتى.
_ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا.
ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. پادىشاھ داۋۇت ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى.