31 داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.
داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، ھەر كۈنى كېچىسى تۆشەكتە ئەمەس، يەردە ياتتى.
داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى.
ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:
داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.
ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى.
يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ،
ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، بىرى داۋۇتقا: «ئابسالوم سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.