30 ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، بىرى داۋۇتقا: «ئابسالوم سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.
ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.
داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.
يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى.