27 ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.
_ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.
ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.