سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قويلارنى قىرقىۋاتاتتى. Gade chapit la |
ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.
كالىب جەمەتىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى.