21 پادىشاھ داۋۇت بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولدى.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.
زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.
سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەن ئىبادەتگاھىم ئۈچۈن بۇيرۇغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟!
ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: _ ھەي سىڭلىم، ئاكاڭ ئامنون ساڭا چېقىلدىمۇ؟ بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى.
ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.