17 ئۇ خىزمەتكارىنى چاقىرىپ: _ بۇ خوتۇننى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقاپ قوي! _ دېدى.
_ مېنى قوغلىماڭ! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز مېنى دەپسەندە قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، _ دېدى تامار. لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى،
ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى تاقاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىشەتتى.