Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 _ ياق، ئاكا، مېنى خورلىماڭ! ئىسرائىللار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلماڭ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:12
12 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.


بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن.


ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.


ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.


ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار.


ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.


بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.


ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.


ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite