Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 13:1
15 Referans Kwoze  

داۋۇت يەنە باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى.


ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان،


ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.


ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆچلۈكى ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئامنون تامارغا: _ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.


ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.


بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.


پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.


بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.


لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى.


ياقۇپ راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.


ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بەرسەم، سىز راھىلەنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلامسىز، _ دېدى.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.


ئەمما تامار تېخىچە قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا كۆزى يەتمەي، كۆيۈك دەردىدە ئازابلىناتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite