Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 كەمبەغەلنىڭ پەقەت سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ قاچىسىدىن تاماق يەپ، سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:3
6 Referans Kwoze  

قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار، دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار، ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن.


داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.


ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،


باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىكەن،


بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چارۋا ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپ، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite