27 ئۇ داۋۇتقا چاپارمەن ئەۋەتىپ: _ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم.
يوللارنىڭ بىرى ئاممونلارنىڭ يۇرتىنىڭ مەركىزى بولغان رابباھقا، يەنە بىرى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھىرى بولغان يېرۇسالېمغا تۇتاشسۇن.
ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب ۋە لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى.
(پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئىدى. ئۇ كارىۋات ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ھازىرغىچە بار.)
شۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمنى داۋام قىلىۋاتاتتى. نەتىجىدە، ئۇ پادىشاھ ئوردىسىنى ئىگىلىدى.
ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىڭ، بولمىسا شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالىمەن. ئۇ چاغدا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دېيىشىدۇ، _ دېدى.