Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆردى»] دەپ ئات قويدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:25
14 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سۇلايمانمۇ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىمۇ؟! ھەرقانداق ئەللەر ئارىسىدا سۇلايمانغا ئوخشاش بىر پادىشاھ بولمىغانىدىغۇ؟! خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللىرى ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىدى.


لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەباغا: _ پادىشاھ داۋۇتنىڭ خوتۇنى خاگگىتتىن بولغان ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. پادىشاھىمىز داۋۇتنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن، سىلى بۇنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟


پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى داۋۇتقا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى


ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا سۇلايمان دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،


شۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمنى داۋام قىلىۋاتاتتى. نەتىجىدە، ئۇ پادىشاھ ئوردىسىنى ئىگىلىدى.


داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان.


لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغداپ، تىنچ-ئامان ياشىتىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.


مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر، پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.»


ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.


ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite