22 داۋۇت ئۇلارغا: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى.
«سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم.
كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.
كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.
روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.
يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.
شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە غىزا يېدىلە، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سوراشتى.
«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.