Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىرگە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 12:17
7 Referans Kwoze  

ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


سائۇل ئۇنىماي: _ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى. بىراق ئەمەلدارلىرى ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى.


ئۇ بىر كۈنى ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا: _ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ،


يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمۇ؟» دېيىشتى.


يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.


پادىشاھ ئوردىغا قايتا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ نېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچى ئۇخلىمىدى.


ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ: _ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى. ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite