16 داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، ھەر كۈنى كېچىسى تۆشەكتە ئەمەس، يەردە ياتتى.
داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.
ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەن سائۇلنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمىدى.
كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»
شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.
مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.
ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.
داۋۇت ئۇلارغا: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى.
ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.
شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:
پادىشاھ ئوردىغا قايتا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ نېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچى ئۇخلىمىدى.
يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم.