14 _ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.
مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.
چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»
بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!
لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.
ئىنساننى گۇناھقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلار تۈپەيلىدىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق تۇزاقلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي!
«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»
رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟
مەن يەنە: _ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلقتىن بولغان رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟
شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى.
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي. ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، ساڭا تەلپۈنگەنلەر، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي.
ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.