6 داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.
روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.
پېترۇس قەسەم قىلىپ: - ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى.
پېترۇس قەسەم قىلىپ: - مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، - دەپ يەنە ئىنكار قىلدى.
- سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! - دەپ ئىنكار قىلدى پېترۇس ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا.
ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.
سائۇل: _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى.
ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! گۇناھ دائىم ئىشىك ئالدىدا سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.
كېيىن ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.
ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ، شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلار ھەممىسى بولۇپ 37 كىشى ئىدى.