Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 11:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 11:27
16 Referans Kwoze  

سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى.


بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.


ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەرۋەردىگار رەزىللىك دەپ قارىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.


ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى.


يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى،


ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى


ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى.


ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.


ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.


ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»


سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى، ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite