Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 11:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلىسە، سەن ئۇنىڭغا: «ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 11:21
11 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن يېرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى.


قوللىرىڭ باغلاقلىق، پۇتلىرىڭ كىشەنلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما رەزىللەرنىڭ قولىدا ئۆلدۈڭ ئەمدى! كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن ياش تۆكۈشتى.


ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى چېقىپ تاشلانغاندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يېرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولدۇڭ! سەنمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!»


ساقىت قىلغىن گۇناھلىرىمنى، ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويما مېنى.


دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.


ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟


خەۋەرچى كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتقا يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite