2 بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ.
نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.
چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس.
ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى.
بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.
«مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.
دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.
ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.
يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر.
ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.
مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار.
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار، بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا تۆشەكتە ياتاتتى. ئۇلار ئىشبوشەتنى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى. ئاندىن كاللىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ، كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قېچىپ كەتتى.
ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.
بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى.
ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى.
ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن.
ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا: _ سەن بىر گۈزەل ئايال،
باشقىلارنىڭ ئايالى، ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئېتىزلىرى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.»
داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى.
ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.
ئۇ كوچا ياقىلاپ مېڭىۋەردى. بىر خوتۇننىڭ دوقمۇشتىكى ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ قالدى.