سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 11:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى. Gade chapit la |
يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «ئەگەر سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مەن تەرەپتە تۇرساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە، يەنى مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلى ئۇلارغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇ تىنچ زاماندىمۇ خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى.