14 ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيادىن ئەۋەتتى.
ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.
ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.
ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن. ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا، ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ.
سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟