سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 10:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 پادىشاھ داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. داۋۇت ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى. Gade chapit la |
ئاخاب ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا، تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا، كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.