10 قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.
يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئارراملارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى.
يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى، يەنى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.
ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.