8 ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالاغا تاشلاپ كەتتى.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.
ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»
بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)
بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»
ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.
ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ، چاقىردى. مەن: «لەببەي» دېدىم.
ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى.
داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: _ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. يىگىت: _ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.