4 داۋۇت يەنە: _ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى. _ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل ۋە ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى يىگىت.
ھېلىقى ئادەم ئەلىگە: _ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلدىم، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى. _ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.
داۋۇت: _ سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن كىشى ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم.