27 قانداق يىقىلغاندۇ پالۋانلار، قانداق ۋەيران بولغاندۇ جەڭ قوراللىرى!
قانداق يىقىلغاندۇ باتۇرلار جەڭدە، قانداق قەتل قىلىنغاندۇ يوناتان تاغلاردا!
ئاھ ئىسرائىلىيە، غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا، قانداق يىقىلغاندۇ ئۇ پالۋانلار!
توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.
ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ: _ ئاتا، ئاتا، ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى.
ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: _ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى. ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.
ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.