Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەي گىلبوۋا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن! چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى. سائۇلنىڭ قالقىنى ماي بىلەن ئەمەس،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:21
14 Referans Kwoze  

فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى. قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.


ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»


ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق قىلدىم: ‹ئاشۇ بىر تۈپ كېدىر دەرىخى ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند بولغان كۈنى، مەن دەريا ئېقىنلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتقۇزدۇم. چۈنكى مەن ئۇنى سۇغارغان سۇ مەنبەلىرىنى توختاتقانىدىم. لىۋاننى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلدىم، دالادىكى پۈتۈن دەرەخلەرنى قۇرۇتتۇم.


مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن، ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ، ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ، بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغماسلىققا ئەمر قىلىمەن.»


ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›


بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا، نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى. مىڭلىغان قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا، باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى.


ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite