Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:16
24 Referans Kwoze  

پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.


«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،


ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن، باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن،


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى، _ دېدى.


مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى سىلىگە تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.


داۋۇت ئابىشايغا: _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.


ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورىدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە شۇنى جىددىي ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن.


ئۇلار بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى پىسەنتىگە ئالغان بولسا، جانلىرى ئامان قالغان بولاتتى.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر، لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى.


پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ساقلىنىڭلار. بولمىسا سىلەر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتكار بولۇپ قالىسىلەر.


ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»


ئەگەر بىر ئايال ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.


داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite