13 داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: _ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. يىگىت: _ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم.
ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالاغا تاشلاپ كەتتى.