6 خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى.
خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى.
ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.
سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بالاسى بارلىق جانلىقلارنى قايتا ھالاك قىلمايدۇ.