Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:5
12 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى.


نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى.


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite