Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئەگەر بىرى رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇنداق ناپاك ئىشلارغا يەنە قايتا كىرىشىپ قېلىپ شۇ ناپاكلىقلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ يامان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:20
20 Referans Kwoze  

بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.


ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.


ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تونۇغانسېرى، خۇدانىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان مېھىر-شەپقىتى ۋە ئامانلىقى تېخىمۇ ئاشقاي!


بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»


گەرچە مەن ھەققانىي ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ياشايسەن› دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقىغا ئىشىنىپ ئادالەتسىزلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن. ئۇ قىلغان ئادالەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.


جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى.


چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.


رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.


ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى، بۇ چىقاننىڭ تېرە كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.


شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەسلىدىكى كۆكەرگەن داغلار يامرىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆكەرگەن رەڭگى ئۆزگەرمىسە، ئۇ نەرسىلەر يەنىلا ناپاكتۇر. پاختىلىشىپ قالغان جاي كىيىمنىڭ ئىچى ياكى تېشىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىيىم كۆيدۈرۈلسۇن.


تاشلار چىقىرىۋېتىلىپ، سۇۋاقلىرى قىرىلىپ، يېڭىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يەنە كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite