Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھەتتا كۈچ-قۇدرەتتە بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولغان پەرىشتىلەرمۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئەرشتىكى بۇ ئۇلۇغلارغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:11
6 Referans Kwoze  

ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.


شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ.


شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.


مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.


زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite