Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:7
15 Referans Kwoze  

بىر-بىرىڭلارغا ھەمىشە قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار.


بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار.


رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.


شۇڭا، خۇدا بىزگە: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.


بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.


بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ.


بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.


سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.


ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ.


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.


ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite