Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:3
39 Referans Kwoze  

پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.


خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


لېكىن، ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئاجىز چاغلىرىڭدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ» دېدى. شۇڭا، ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى ئىپادىلەنسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن خۇرسەنلىك بىلەن ماختىنىمەن.


چۈنكى، سىلەر مانا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتكە چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى.


خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.


چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى.


ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر.


شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.


سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.


سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تونۇغانسېرى، خۇدانىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان مېھىر-شەپقىتى ۋە ئامانلىقى تېخىمۇ ئاشقاي!


شۇڭا، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى،


يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.


چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.


بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.


بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.


خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.


بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلغانمىز.


پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.


قىزىم، غەم قىلمىغىن! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.


«پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپ ئىكەن، لېكىن ھەممىسىدىن ئارتۇق تۇرارسەن، ئېشىپ چۈشىسەن».


كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟ ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى،


چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.


ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر.


ئەگەر بىرى رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇنداق ناپاك ئىشلارغا يەنە قايتا كىرىشىپ قېلىپ شۇ ناپاكلىقلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ يامان بولىدۇ.


ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite