Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:21
29 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.


- بۇرادەرلەر! ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بەرگەن يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلەنگەندەك، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال مۇنداق دەيدۇ:


مانا بۇ خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.


داۋۇت پادىشاھ ئۆزى مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە چۆلدە ئۇنى سىنىغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.


مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر.


ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى.


بۇ ئىبادەت خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن، مۇقەددەس روھ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىبادەت چېدىرى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى بارلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول ئاۋام خەلققە ھەرگىز ئېچىلمايتتى.


پادىشاھ ياروبئام بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يېتىپ كەلدى.


ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.


رەمچىلەر خىجىللىقتا، پالچىلار نومۇستا قالىدۇ. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.»


سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان بىر قوشۇنىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېلىشاغا: _ ۋاي خوجام، چاتاق بولدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئاگاھلاندۇرغان يەرگە ئادەم ئەۋەتتى. ئېلىشا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، پادىشاھ ئۇ يەرلەردە ئېھتىيات بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى.


تۇل ئايال ئىلياسقا: _ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى.


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.


ئاندىن ئۇ ئېرىگە ۋارقىراپ: _ ماڭا خىزمەتكارلاردىن بىرنى ۋە ئېشەكتىن بىرنى بەرسىلە، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي، _ دېدى.


ئۇ ئايال ئېرىگە: _ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.


بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.


ئايال چىقىپ، بۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا خەۋەر قىلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ياغلارنى سېتىپ، قەرزىڭىزنى تۆلەڭ. ئاشقان پۇل بىلەن تىرىكچىلىك قىلساڭلار بولىدۇ، _ دېدى.


بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرار؟


(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)


يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite