Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:19
27 Referans Kwoze  

«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»


قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.


چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.


مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!


غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»


ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.


بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقانىدى.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.


ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ياردەم بەرسەڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن.


بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟ بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان، بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان، ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان!


سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!


پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite