14 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.
ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.
مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەربىرىڭلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈردۈم. ئەمدى ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر.
مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.
خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك، ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى. خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك، ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.
سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى. - مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز.
ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.